30.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1754575
30.12.2021

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان: <پىرىنكايالار تونېلى خەلقئارالىق ئۇلىنىشلارنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەرزۇرۇم-ئارتۋىن يولىغا جايلاشقان پىرىنكايالار تونېلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «بۇ تونىل بىلەن تەڭ كاۋكاز رايونىغا بولغان قاتناش زىچلىقى  يېنىكلەيدۇ، بۇ تونىل خەلقئارالىق ئۇلىنىشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى: <تۈركىيە 2030-يىلدا ئەڭ باي 5 دۆلەتنىڭ بىرسىگە ئايلىنىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىسپانىيە ئىقتىساد ژۇرنىلى «Muy & Negocias Economia» دا، تۈركىيە كەلگۈسىدە ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسىتىلدى. «2030-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەر بۇلار؛» تېمىلىق ماقالىدا، 2030-يىلى تۈركىيەنىڭ GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) نىڭ 2 تىرىليون ياۋرودىن ئېشىشى بىلەن دۇنيانىڭ بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادىغا ئايلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «قېرىنداش دۆلەت «تۈركوۋاك ۋاكسىنىسىنى تەستىقلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەدە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان تۈركوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەزەربەيجاندا رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي: <يۇقۇمغا قارىماستىن، 2021-يىلى 29 مىليون ساياھەتچى سانىنى ئاشتۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي: «يۇقۇمغا قارىماستىن، 2021-يىلى تۈركىيە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا 29 مىليوندىن، ساياھەت كىرىمىدە 24 مىليارد دوللاردىن ئاشتى» دېدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»،  «150 دۆلەتنىڭ دوسقىنىغا زىننەت بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئانادولۇ تۇپرىقىدا ئۆستۈرۈلگەن مېۋە ۋە كۆكتاتلارö دورا -دەرمەك، زەيتۇن، زەيتۇن يېغى، قۇرۇتۇلغان مېۋە، دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاقلار ۋە ياغلىق ئۇرۇقلۇقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان شۇنداقلا ئىشتىھا ئاچقۇچى تەم زىياپىتىگە ئايلانغان لەززەتلەر، 150 دۆلەتنىڭ دوسقىنىنى زىننەتلەپ، تۈركىيەگە 2021 - يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 207 مىليون دوللار تاشقى پېرېۋوت ئېلىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر