پولشا ئۇكرائىنالىق ياشلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىدىغان بولدى

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادلاۋ كوسىنىئاك كاميسىز پولشانىڭ ئەسكەرلىك ياشغا يەتكەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قايتىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2132017
پولشا ئۇكرائىنالىق ياشلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئەسكەرلىك ياشغا يەتكەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرىنى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا يېڭىلىيالايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ چەتئەلدىكى ۋاكەلەتخانىلىرىدا يېڭىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېان قىلغان ئىدى.  

يېڭى شەرتلەرگە ئاساسلانغاندا، 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئۇكرائىنالىق ئەرلەر ئەگەر دۆلەت سىرتىدا بولسا، پاسپورتلىرىنى يېڭىلىيالمايدىكەن.

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادلاۋ كوسىنىئاك كاميسىز <Polsat News > تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر كوسىنىئاك كاميسىز: «نۇرغۇنلىغان پولشالىقلارنىڭ مېھمانخانىلاردا تۇرىۋاتقان ۋە قەھۋەخانىلاردا ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇكرائىنالىق ياشلارنى كۆگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەكلىكىگە دائىر سۆزلەردىن نارازى  بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ھازىر توقۇنۇش رايونىدا تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنالىقلارمۇ باشقا دۆلەتلەرگە كەتكەن تەڭتۈشلىرىگە قارىتا ياخشى تۇيغۇدا ئەمەس» دېدى ئەمما پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ زادى قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرمىدى.

ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2024 -يىلىنىڭ بېشىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە 860 مىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئەرنى قوشقاندا، جەمئىي 4 مىليون 300 مىڭ ئۇكرائىنالىق ياشايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر