گرېتسىيە پارلامېنتىدا جېدەل چىقتى

پارلامېنت ئەزاسى كونستانتىنوس فلوروس پارلامېنت ئەزالىرىغا زوراۋانلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.

2132009
گرېتسىيە پارلامېنتىدا جېدەل چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرېتسىيە پارلامېنتىدا ئوڭچىل گىرېتسىيە ھەل قىلىش چارىسى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كېرىياكوس ۋېلوپۇلوسنىڭ چىقىلىلماسلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاش ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەر جەريانىدا مالىمانچىلىق يۈز بەردى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يىغىن جەريانىدا ئالدى بىلەن ئوڭچىل سپارتا پارتىيەسىدىن ئايرىلغان پارلامېنت ئەزاسى كونستانتىنوس فلوروس بىلەن گرېتسىيە ھەل قىلىش چارىسى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ۋاسىلىس گراممېنوس ئوتتۇرىسىدا ئاغزاكى تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن.

مۇزاكىرىدىن كېيىن پارلامېنت كارىدورىدىمۇ داۋاملاشقان تالاش - تارتىش جەريانىدا، كونستانتىنوس فلوروس ۋاسىلىس گراممېنوسقا  مۇشت ئاتقان.

شۇنىڭ بىلەن پارلامېنت باشلىقى كونستانتىنوس تاسۇلاس فىلوروسنى پارلامېنتتىن 15 كۈن ئۇزاقلاشتۇرۇش قارارى ئالغان.

فىلوروس يەنە،  پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە زوراۋانلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، 10 يىلىق قاماق جازاسى بېرىش بەلگىلىگەن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157 - ماددىسىغا بىنەئەن قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر