غەززەدە، مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بايقالدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا، مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بايقالدى.

2132004
غەززەدە، مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا پاسكىنا سۇنىڭ تېشىپ كېتىشى ۋە ئىچىملىك ​​سۇنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار بايقالدى» دېيىلدى ھەمدە  نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كوچىلار ۋە چېدىرلاردا تارقىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ، بولۇپمۇ بالىلار ئارىسىدا ساغلاملىق ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى ياراتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىغا «زۆرۈر ۋە تېزدىن بۇ ئەھۋالغا ئارىلىشىش» چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر