بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو: «ناتو بىزنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرمەكچى»

بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى بېلورۇسىيەنىڭ غەربىي چېگراسىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرمەكچى» دېدى.

2131998
بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو: «ناتو بىزنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرمەكچى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت لۇكاشېنكو ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ۋەكىللىك ئورگىنىغا ئايلانغان بېلورۇسىيە خەلق مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

لۇكاشېنكو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى بېلورۇسىيەنىڭ غەربىي چېگراسىدىكى پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە قوراللارنى بازىلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.  

لۇكاشېنكو: «بىر نەرسە ئېنىق، ئۇلار بىزنى ھەقىقەتەن ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشنى خالايدۇ. باش قوماندان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ، ئارمىيەمىزمۇ ۋە ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىزمۇ بۇنى كۆرمەكتە. ئۇلار بىزنى قۇترىتىپ، خەندەك كولاۋاتىدۇ. ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە قوراللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بىز چېگرانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تىنچ تۇرمۇش بەرپا قىلىۋاتىمىز، خەندەك كولىمايۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ تىنچلىقنى سۆيۈشىمىز پاسسىپلۇق ئەمەس. بۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلمىسۇن» دېدى.

لۇكاشېنكو تەھدىتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بېلورۇسىيەنىڭ سىممېترىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ۋە جەڭ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلدى ۋە: «بىزنى سىممېترىك بولمىغان تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلىماڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر