دۆلەتلىك تېكۋاندو مۇشتلاش ماھىرىمىز مەرۋە دىنچەل ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

دۆلەتلىك تېكۋاندو ماھىرىمىز مەرۋە دىنچەل سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن WT ئاياللار ئوچۇق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 53 كىلوگراملىقلار بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1739778
دۆلەتلىك تېكۋاندو مۇشتلاش ماھىرىمىز مەرۋە دىنچەل ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تېكۋادو بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «دۇنيا تېكۋاندو بىرلەشمىسى تەرىپىدىن قۇرامىغا يەتكەنلەر تۈرىدە تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇسابىقىدا، مىللىي تەنھەرىكەتچىمىز مەرۋە دىنچەل ئىسپانىيەلىك ئالما پېرېز كوررادونى يېڭىپ چېمپىيون بولدى» دېيىلدى.

باياناتتا، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچىنىڭ 40 ئولىمپىك نومۇرىغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر