بىرازىلىيەدىكى  ئايروپىلان ۋەقەسىدە كۇلۇب باشلىقى ۋە 4 پۇتبول ماھىرى قازا قىلدى

بىرازىلىيەدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە، ئۇچقۇچى، بىرازىلىيە 4-پۇتبول بىرلەشمە كوماندىلىرىنىڭ بىرى بولغان پالماس فۇتېبول ئې رېگاتاس كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ۋە 4 پۇتبول ماھىرى قازا قىلدى.

1570330
بىرازىلىيەدىكى  ئايروپىلان ۋەقەسىدە كۇلۇب باشلىقى ۋە 4 پۇتبول ماھىرى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پالماس فۇتېبول ئې رېگاتاس كۇلۇبىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئۈچۈن گوئىيانا شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئادەم قازا قىلغان.

باياناتتا، «ۋەقەدە ھايات قالغۇچىلارنىڭ يوقلىقىنى ئەپسۇسلانغان ھالدا بىلدۈرىمىز.  بۇ ئازابلىق ۋە قورقۇنچلۇق ۋەقەگە نىسبەتەن، كۇلۇب كېرەكلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلدى.

ۋەقەدە ئۇچقۇچىدىن باشقا يەنە، پالماس فۇتېبول ئې رېگاتاس كۇلۇبىنىڭ رەئىسى 32 ياشلىق لۇكاس مېيرا ۋە پۇتبول ماھىرلىرىدىن 23 ياشلىق لۇكاس پراكېدېس، 28 ياشلىق گىلېرمې نوئې، 27 ياشلىق رانۇلې ۋە 23 ياشلىق ماركۇس مولىنارىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەنى تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر