2020-يىلى تارىختىكى «ئەڭ ئىسسىق يىل» بولدى

2020-يىلى 2016 – يىلى بىلەن بىرلىكتە تارىختىكى «ئەڭ ئىسسىق يىل» بولدى.

1559870
2020-يىلى تارىختىكى «ئەڭ ئىسسىق يىل» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،  2020-يىلى، يېقىنقى 150 يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق ئىككى يىلنىڭ بىرى بولغان.

1850-يىلدىن بۇيانقى ئۆلچەشلەر، 2020-يىلىنىڭ، «ئەڭ ئىسسىق ئىككى يىلدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن.

يىل بويى ئوتتۇرىغا چىققان ئىسسىقلىق  ھاۋا دولقۇنلىرى، بوران – چاپقۇنلار، ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تەبىئىي ھادىسىلەرمۇ، ھاۋانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان.

بۇ مەلۇماتلارنى بەرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ئورگىنى،  ھاۋانىڭ بۇنداق ئىسسىپ كېتىشىنىڭ چوڭ پالاكەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئورگاننىڭ تەكىتلىشىچە، 2020-يىلى، دۇنيا يەنە، «ئەڭ ئىسسىق يىل» دەپ ئاتالغان 2019-يىلدىكىگە قارىغاندا يېرىم سېلسىيە گرادۇس يۇقىرى ئىسسىغان.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، دۇنيانىڭ ئىسسىش سۈرئىتىنىڭ 1 يېرىم سېلسىيە گرادۇسقا يېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر