ياشار گۈلەر ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشىدۇ
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن «F-16» ئايروپىلانىنى تەمىنلەش باسقۇچىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
2121663
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاۋام پالاتاسى قورال خىزمەتلىرى كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەتە (29-مارت) ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدىكەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيلدى:
«مىنىستىر ياشار گۈلەر ئەتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قورال خىزمەتلىرى كومىتېتىنىڭ تۆت ئەزاسىنى قوبۇل قىلىدۇ. كۆرۈشۈشتە، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئامېرىكانىڭ پ ك ك|ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردەملىرى، <F-16> ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەش ۋە زامانىۋىيلاشتۇرۇش، كونگرەنىڭ تەستىقىنى ساقلاۋاتقان تەمىنلەش لايىھەلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلىدۇ.»