تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى يېڭى دائىمىي باش ئەلچىسى سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى ئەھمەت يىلدىز بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق كۈنتەرتىپىنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئورنى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2132372
تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى يېڭى دائىمىي باش ئەلچىسى سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت يىلدىز تۈركىيەنىڭ  ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۇتۇقىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە يىغىنىدا سۆزلىدى.

ئۇ توقۇنۇش 14-يىلىغا قەدەم قويغان سۈرىيەدىكى نازۇك ۋەزىيەتكە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «توقۇنۇشنىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەەپلىرى بىر گەۋدە ھالىتىدە ناچارلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈمىد نۇرىمۇ كۆرۈنمەيۋاتىدۇ» دېدى.

يىلدىز ۋەزىيەتنىڭ رايوندىكى خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا توقۇنۇشلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانى قىلىپ ئىشلىتىشكە قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ماس كېلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قغلانلىقىنى ئېيتتى.

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان يىلدىز: «سۈرىيەنى بۇ خەتەرلىك ئوتتىن يىراقلاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم» دېدى.

باش ئەلچى يىلدىز سۈرىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدە سىياسىي مۇساپىنى جانلاندۇرىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ، تونۇقۇشلارنىڭ نېگىزىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مىللىي يارىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پ ك ك / ي پ گ / س د گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ۋە بۆلگۈنچىلىك كۈنتەرتىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىزكى، پ ك ك / ي پ گ ۋە بۆلگۈنچى تېررورچى كۈنتەرتىپنىڭ سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئورنى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر