نۇمان قۇرتۇلمۇش مېكسىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش مېكسىكانىڭ پايتەختى مېكسىكاغا يېتىپ باردى.

2135706
نۇمان قۇرتۇلمۇش مېكسىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش مېكسىكا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، تۈركىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان <MIKTA> تەشكىلاتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مېكسىكانىڭ پايتەختى مېكسىكاغا يېتىپ باردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش <MIKTA> تەشكىلاتىنىڭ كېڭەش گۇرۇپپىسى يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە پارلامېنت باشلىقلىرى قاتنىشىدىغان يىغىن بۆلۈمىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.  ئاندىن  «كۆچمەنلەر» تېمىلىق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر