ئەردوغان قازاقىستان باش مىنىستىرىنى بېكتېنوۋنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن توقۇنۇشنى پۈتكۈل رايونغا كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2132362
ئەردوغان قازاقىستان باش مىنىستىرىنى بېكتېنوۋنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان قازاقىستان باش مىنىستىرى ئولجاس بېكتېنوۋنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بەكتېنوۋنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە كۆرۈشۈپ، تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋىتى، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋەرايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن توقۇنۇشنى پۈتكۈل رايونغا كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشنىڭ دەرھال ۋە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان يەنە قازاقىستان بىلەن بولغان مۇداپىئە سانائىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر