فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2132237
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇدا 203 كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.