تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائېل كاتزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.

2132669
تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھۇجۇم قىلغان ئۇچۇرى ئەھمىيەتسىز ۋە سەۋىيەسىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەينەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى قورقماستىن يۇقىرى ئاۋازدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازمۇ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇچۇرىغا بولغان نارازىلىقىنى «ھەقىقەت زالىملارنىڭ قاباھەتلىك چۈشى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىدى ۋە يىسرائېل كاتېزنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قاراتقان نومۇسسىزلارچە سۆزلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك قاتارلىقلارمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ مەيدانىنىڭ ئىسرائىلىيەنى بىئارام قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر