دىپلوماتىيەنىڭ يۈرىكى ئانتاليادا سوقماقتا

ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى 147 دۆلەتتىن كەلگەن 19 پىرېزىدېنت ۋە 73 مىنىستىرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋام قىلماقتا.

2110043
دىپلوماتىيەنىڭ يۈرىكى ئانتاليادا سوقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كىرىزىس پەيتىدە دىپلوماتىيەنى گەۋدىلەندۈرۈش» دېگەن تېما ئاستىدا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى دائىرىسىدىكى يىغىنلاردا، دىپلوماتىيەنىڭ يۆنىلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مۇنبەرنىڭ بۈگۈن ئېچىلغان «خەلقئارا سودا، مۇناسىۋەت ۋە ئۆزئارا تايىنىش» ناملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت جەۋدەت يىلمازمۇ قاتناشتى.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئات ھۈسەيىن ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويانمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مۇنبەر جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە «يۇقىرى دەرىجىلىك ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» ناملىق يىغىنمۇ ئېچىلىدۇ.

ياشلار، تېخنىكا ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇنبەردە، ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ماشىنىسى — توگگنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجرائىيە دىرېكتورى گۈرجان قاراقاش ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاجىمۇ مۇنبەرگە قاتنىشىپ، كەچۈرمىش ۋە تەجرىبىلىرىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر