مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ھاماس رەھبىرى ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى.

2138687
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ھاماس رەھبىرى ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى ھەنىييە بىلەن قاتار پايتەختى دوھادا كۆرۈشتى.

تۈركىيەنىڭ ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن ئۇچرىشىشتا، سۆھبەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ۋە ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززەگە ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر