گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
2138395
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ زىيارەتتە ئىقتىساد بولۇپمۇ، قاتناش، پەن-تېخنىكا، دېھقانچىلىق ۋە ساياھەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.
ئۇچرىشىشىتا ئاددىيلاشتۇرۇلغان ۋىزا رەسمىيەتلىرى، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق تېمىلارنىڭمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.