ئەردوغان دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «غەززەدە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىيانە قەتلىئاملاردىن بىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

2138733
ئەردوغان دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ: «ئۆزىنى <ئەركىنلىك دۆلىتى> دەپ ئاتىۋالغانلار، ئىسىرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە كەلگەندە دەررۇ فاشىزمنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتىدۇ. بىز راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 دىن ئارتۇق غەززەلىك بىمار ۋە يارىدارلارنى دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى دوختۇرخانىلىرىدا داۋالاۋاتىمىز. ۋىجدانغا ئىگە دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەردىن باشقا، دۇنيا سىستېمىسىنىڭ جوجايىنلىرىدىن ئىسىرائىلىيەگە بېسىم قىلىشىنى كۈتۈش، پۈتۈنلەي بىھۇدىلىكتۇر. بىز ئىسىرائىلىيەنىڭ ۋىجدان ئاۋازىنى ئانتىسېمىتىزم كالتىكى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ غەززەدە ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغان 7-ئۆكتەبىر (2023) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىيانە قەتلىئاملاردىن بىرىنىڭ يۈز بېرۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسىرائىلىيە بىگۇناھ قان تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. 15 مىڭ كىچىك بالا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. 35 مىڭ پەلەستىنلىق قېرىندىشىمىز شېھىت قىلىندى. 2 مىليون كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى. 7-ئۆكتەبىردىن ئىلگىرىمۇ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە بولغان غەززە 219 كۈندىن بۇيان گىتلېر گېرمانىيەسىدە كۆرۈلگەندەك قىرغىن قىلىپ يوقىتىش لاگېرىغا ئايلاندى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بارلىق دۆلەتلەرنى بالدۇرراق پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمەن. ھاماس غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش يولىدا مۇھىم قەدەمنى باستى.  ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بولسا، رەفاھتىكى بىگۇناھ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن جاۋاب بەردى.»

ئۇ ئاخىرىدا، ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن تەھمەت تىلەش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر