تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.
2138398
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئافغانىستاندا كەلكۈن سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.