تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.
1984217
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەزىيە باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جەنۇبىي كېيۋۇ ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە يۈزلەرچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 8-ماي كۈنىنىڭ مەملىكەت بويىچە <مىللىي ماتەم كۈنى> ئېلان قىلىنغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق. كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي كېيۋۇ ئۆلكىسىدە 394 ئادەم قازا قىلغان كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، بىر كۈنلۈك «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلىنغانىدى.