ئەردوغان دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۈرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بەزىدە يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بولۇشىغا قارىماي، مۇداپىئە ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۈرىۋاتىمىز» دېدى.

2138391
ئەردوغان دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۈرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن شەرقىي ئاق دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلغان «دېڭىز بۆرىسى -2 / 2024» ناملىق مانېۋىردىكىلەر بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئارقىلىق تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل بوغۇزىدا ئۆتكۈزۈلگەن 100 پاراخوتلۇق پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاۋىياماتكىسى بولغان <TCG Anadolu> نىڭ دېڭىز ئارمىيەمىزگە قانداق ئىمكانىيەتلەرنى قوشقانلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرگەن بولدۇق.  <TCG Anadolu> دىن باشقا ئارمىيەمىزنى تېخىمۇ چوڭ ئاۋياماتكىدىن بىرىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا.   ھاۋا ئارمىيەمىزگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش خاراكتېرلىق كۈچ قوشىدىغان بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىمىز <KAAN> يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچۇشنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. <Bayraktar TB3>،  <قىزىل ئەلما> ۋە <ئەنقا 3> نىڭ ئوخشىمىغان سىناقلىرى داۋاملاشماقتا. ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرىپىدىن بەزىدە يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، مۇداپىئە ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۈرىۋاتىمىز. تېزگىنەكلىك سىستېمىلاردىن تارتىپ ھاۋا مۇداپىئەسى، برونىك قۇرۇقلۇق ئاپتوموبىللىرى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرىغىچە بولغان ھەممە ساھەدە قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلماقتىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر