تۈركىيە ساياھەت رايونلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە دائىر ھەمكارلىق مىخانىزمىلىرى دائىرىسىدە ساياھەت رايونلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە.

1843013
تۈركىيە ساياھەت رايونلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، يېقىنقى كۈنلەردە بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى پۇقرالىرىغا قارىتا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا بەرگەن يازما جاۋابىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ئوخشىمىغان خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ۋە مۇددىئالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتا. ئەمەلىيەتتە، ئالاقىدار تارماقلىرىمىز، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە دائىر ھەمكارلىق مىخانىزملىرى دائىرىسىدە ساياھەت رايونلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە.»

تۈركىيەنىڭ بىخەتەر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا، دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بىلگىچ،  بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرنىڭ  ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دائىرىدە، ئېلىمىز تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشىنى تېترورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تۆھپە قوشماقتا.  دەرۋەقە، بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بىلىنمەكتە ۋە يۇقىرى باھا بېرىلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر