28.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2121463
28.03.2024

«ھۆرىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز <دائېش> دېيىلىدىغان ئېمپىريالىستلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىغا كۆز ئاچتۇرماي كېلىۋاتىمىز. پ ك ك نىمۇ چېگرالىرىمىز ئىچىدە پائالىيەت ۋە ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈردۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 «يېڭى شەپەق گېزىتى»، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيەگە: <كېرەكلىك بولغاننى قىلىڭلار> دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە گېرمانىيەدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھاننوۋېر باش كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرگە يول قويماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ياۋروپادا تېررورلۇقنى قوللىغۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرگە قارىتا، «بىز پ ك ك غا زەربە بەرگەنسىرى بۇلۇڭغا قىستالماقتا. بۇلۇڭغا قىستالغانسىرى بۇ قېتىمغا ئوخشاش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇلارغا يول قويغان دۆلەتلەردە تېررورلۇق ۋەھىمىسى ياراتماقتا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، «تۈركىيە 117 دۆلەتكە ئۇرۇق ئېكسپورت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماكلى تۈركىيەنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز دۇنيادىكى 117 دۆلەتكە ئۇرۇق ئېكسپورت قىلماقتىمىز» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەلقئارا كرىدېتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى <Standard & Poor> نىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئېشىش مۆلچەرىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى 2024 – يىلدا %2.4 تىن %3 كە، 2025 – يىلىغا بولغان، %2.7 لىك تەخمىنىنىمۇ %3 كە ئۆستۈرگەنلىكىنى يازدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر