22.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2130600
22.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن (21-ئاپرېل) ماۋرىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد سالىم ۋىلد مەرزۇقى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خاقان فىداننىڭ «1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرالار ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغىچە تىرىشچانلىقلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى جېيوڭ يېئوندونىڭ تۈركىيە-جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇلىرى، دېڭىز ئاپپاراتلىرى ۋە ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيەگە ئىگە كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىق مۇداپىئە ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئەدە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش پۇرسەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلاۋاتىمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىن ئافغانىستانغا بېرىپ خالىسانە خىزمەت قىلىۋتقان 12 كىشىلىك سەھىيە ئەترىتىنىڭ، پايتەخت كابۇلدىكى ئاتاتۈرك بالىلار دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە داۋالاش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەلىك دوختۇرلارنىڭ ئافغانىستاندىكى بالىلارغا ئۈمىد بېغىشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئايدىننىڭ كۇشاداسى (قۇش ئارىلى) ناھىيەسىگە 2023-يىلى 531 پاراخوتتا 785 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل (2024)  625 پاراخوتتا 1 مىليون چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر