26.04.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، چىلى پارلامېنتىنىڭ 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى يازدى:
«چىلى پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى ھېچقانداق ئىناۋەتكە ئىگە ئەمەس، دەرۋەقە پارلامېنتلارنىڭ تارىخنى شەرھلەش ھوقۇقى يوقتۇر.»
«‹سىتار› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەد يىلدىزنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ۋە بۆلگۈنچى تېررورچىلارنىڭ كۈنتەرتىپلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكلىدە ھېچقانداق ئورنى يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 54 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 360 ى ئىراقنىڭ شىمالىدا، 442 سى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، جەمئىي 802 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«‹ساباھ› گېزىتى»ئ، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلمازنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەنقىل كەلتۈردى:
«تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك خىرىسلارغا قارىماي پاسسىپلىقلارنى يېڭىپ، ئۇدا 14 پەسىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. تۈركىيە 2023-يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىككىنچى بولدى.»
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازدى:
«تۈركىيەنى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش خىزمەتلىرى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا. 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۈستى يېپىق ساھەدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان ھىفزىسسىھھا - تۈركىيە ۋاكسىناسى ۋە بىيوتېخنىكا مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات - ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى پات يېقىندا تاماملىنىدۇ.»