25.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2131906
25.04.2024

«ۋەتەن گېزىتى»، «ئەردوغان: <بىز تېررورلۇققا قارشى قوللاشنى كۈتمەكتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پ ك ك ۋە فەتتھۇللاھچىلار قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە گېرمانىيە دائىرىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى كۈتمەكتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيە ئەرمەنلىرى پاترىگى ساھاك ماسالىيانغا يوللىغان ئۇچۇرىدا: «بىز ھەتتا بىر ئەرمېنىيە پۇقراسىنىڭمۇ چەتكە قېقىلىشىغا، يېتىم قالدۇرۇلىشىغا ياكى ئۆزىنى ئىككىنچى سىنىپ ۋەتەنداش ھېس قىلىشىغا يول قويمىدۇق ۋە يول قويمايمىز. تارىختا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، رادىكال سۆزلەر، ياتلاشتۇرۇشلار ۋە نەپرەت تىلى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقلارغا يول قويماستىن، ئەقىل، ۋىجدان، ئىلىم ۋە بىلىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇزاكىرىلىشىشىمىز مۇھىمدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «ئۇرالئوغلۇ: <زەنگەزور كارىدورى ئارقىلىق بىز تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر باغلىنىش يارىتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ: «بىز تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە تۆمۈر يول ۋە تاشيول تىرانسپورت لىنىيەسى قۇرۇپ چىقىدىغان زەنگەزور كارىدورى ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر ئۇلىنىش ياراتقان بولىمىز» دېدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تېخنىكا سۇپىسى <GeeksforGeeks> نىڭ 2024 – يىلى مارت ئېيىدىكى دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مېۋە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدە تۆتىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىگە ۋە يىلىغا 25 مىليون توننا مەھسۇلات ئىشلەچىقىرىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، «ئىستانبۇل ئايرودورومى ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودرومغا ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل ئايرودورومىنىڭ 8-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1428 قېتىملىق ئايروپىلان ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودوروم سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر