24.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2131393
24.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەۋەر تۈرك» گېزىتى،  دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ نىڭ ئىراقنىڭمۇ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە تىنچلىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ تەھدىتنى يوقىتىشنىڭ ئىراققىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 23-ئاپرېل مىللىي  ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى:

«كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ھەر كۈنى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، 23-ئاپرېل مىللىي  ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنىڭ ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئېچىلغانلىقىنىڭ 104 – يىللىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلىگەنلىكىنى، بالىلارنىڭ 23 – ئاپرېل كۈنى  چەكسىز شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى بىر كۈنلۈك بالىلارغا بوشىتىپ بەرگەنلىكىنى، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ تۈركىيە بايراقلىرى بىلەن بېزەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنلىرىدا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى:

«بۇ يىغىنلارنىڭ ھەممىسىدە بىز تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىروگراممىسىغا بولغان ئىشەنچنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق.»

«‹سىتار› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىسدە ياۋروپا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئايرودۇرۇم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، 2023-يىلى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا كۈندىلىك ئۇچۇشنىڭ ئوتتۇرىچە سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 19 ئېشىپ، 1375 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر