27.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2120930
27.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بېلگىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تۈركلەرنىڭ جامەلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئىستانبۇلنىڭ بۇ يىل (2024) نىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا 2 مىليون 457 مىڭ 518 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇلغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئۆتكەن يىل (2023) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %8.08 ئاشقانلىقى ۋە ئەڭ كۆپ كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ رۇسلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتى شىركىتى ياسىغان «3-ئانكا» (ANKA III) ئۇچقۇسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم سىناق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، «3-ئانكا» ئۇچقۇسىنىڭ ئىككى سائەت سىناق ئۇچۇشىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە ئاياللار ۋالىيبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئەدا ئەردەم دۈندارنىڭ ئامېركا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «خەلقئارا جەسۇر ئاياللار» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر