26.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2120448
26.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چورۇمدا سۆز قىلغاندا، «تۈركىيەنى بۆلگۈچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بالاسىدىن قۇتقۇزغىچە كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىسىنى بېشىغا يىقتۇق، سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھەربي ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن بارلىق ھۇجۇملارنى مەغلۇب قىلدۇق، ۋەتىنىمىزنى قالايمىقان قىلىش پىلانىنى تارمار قىلدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى فاتىھ كاجىرنىڭ، «2024-يىلى 8-ئىيۇل ھەپتىسىدە تۈركىيەنىڭ تۇنجى خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى <6A -تۈركسات> نى ئالەمگە قويۇپ بېرىمىز. بۇنىڭ بىلەن، دۇنيادا ئۆزىنىڭ خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆزى ياسىيالايدىغان 11 دۆلەتنىڭ بىرسىگە ئايلىنىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ بۇ يىل (2024) «تۈركىيە مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى» رامكىسىدا 6 مىڭدىن كۆپ ھەر خىل پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «سەككىز ئايغا سوزۇلىدىغان مەدەنىيەت-سەنئەت مارافونىدا، تۈركىيە فېستىۋال ئىقلىمىنى ياشايدۇ. دۇنيادا بۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان باشقا فېستىۋال يوق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقادىكى نۇرغۇن شەھەرلەر بولغان «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبول شەھەرلىرى تىزىملىكى» دە، توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ستار , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر