25.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2119858
25.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تېخنولوگىيە مىنىستىرى فاتىھ كاجىرنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى بىنالىرىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ يەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا مەركىزى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ شىرناك گاباردا كۈنلۈكى 37 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ، «رامىزان ئاخىرىدا (9-ئاپررېل) نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى 40 مىڭ ۋارىلغا چىقىرىمىز، نىشانىمىز يىل ئاخىرىدا بۇ رەقەمنى 100 مىڭ ۋارىلغا چىقىرىش» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، يېقىنقى بەش يىلنى ئارقىمۇ ئارقا يۇقىرى ئۆرلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئىستانبۇل ئاكسىيە بازىرىنىڭ، 2024-يىلمنىڭ كىرىشى بىلەن %22 ئۆرلەپ، دۇنيادا ئەڭ تېز ئۆرلىگەن پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇل ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر