21.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1750441
21.12.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 5.4 مىليارد دوللاردىن 30 مىليارد دوللارغا چىقارغانلىقلىرىنى، ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ نىشاننىڭ 50 مىليارد دوللارغا، ئارقىدىن 75 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «تارىخىدا ئېكسپىلاتاتسىيە ئەيىبى بولمىغان خەلق بولۇش سۈپىتىمىزدە، ئافرىقا قىتئەسى بىلەن ئورتاق پايدىلىنىش، باراۋەر شېرىكلىك ئاساسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئېلان قىلغان تۈركىيە لىراسىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىقتىسادىي خىتابنامە سايىسىدا، تۈنۈگۈنكىدىن تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھېچكىم گۇمان قىلمىسۇن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈركىيەنىڭ رايون مۇقىملىقىغا بولغان ئىشەنچنى بىۋاستە ئاشۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ: «ئەرمېنىيە بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشلارنى باشلاش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىللىرىمىزنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدۇق. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاھىدە ۋەكىللىرىمىز كۆرۈشىدۇ. بەزى شىركەتلەر ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باشلايدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى خەتكۈچلەش ناھايىتى ياخشى، ئەمما بېشىنى تىقىدىغان بىر ئۆي تېخىمۇ ياخشى. تارىخنىڭ بۇ كېڭەشنى خەتكۈچ نەسلى دەپ ئاتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ھەر ئاي بۇ كېڭەشكە كېلىپ گەپ قىلىپ، تۋىت ھەمبەھىرلەپ كېتىمىز. كېيىنكى ئاي يەنە ئوخشاش ئىشلارنى تەكرار قىلىپ تۇرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قولىمىزدىن مۇشۇنچىلىك ئىش كېلەمدۇ؟ ئېھتىمال، يېڭى يىل توغرىسىدىكى قارارلىرىمىزنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلەشنىڭ ئورنىغا، سۈرىيە خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىشلارنى قىلالىشىمىز مۇمكىن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئىدارە-ئورگانلىرىنىڭ سايىسىدا، ئاسىيا بىلەن ئافرىقادىكى 22 دۆلەتتە 34 مىڭدىن ئارتۇق قۇدۇق قازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ ئىككى قىتئەدىكى 18 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ پاكىزە سۇغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، ھەر يىلى خولېرا، تولغاق، قىزىتما ۋە ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن 485 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلىدىغان بۇ جۇغراپىيەلەردە، سۇ تازىلاش ۋە بىر قانچە كىلومېتىرلارغا سوزۇلغان سۇ تۇرۇبا لىنيەلىرىنىڭ خىزمەتكە سۇنۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر