19.04.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2129591
19.04.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىغا قارشى چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن غەربنىڭ، غەززە مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىز غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ئىرانغا نارازىلىق بىلدۈرۈلەيدىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ كۈچلەر ئەمدى بولسىمۇ بىر گەۋدە ھالىتىدە ئىسرائىلىيەگە <توختا> دېيىشى كېرەك» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ زىئونىزم زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بارلىق پەن-تەتقىقاتچىلارغا چاقىرىق قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ ئىشىكى بارلىق پەن-تەتقىقاتچىلارغا ئوچۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىسنىڭ ئىيون ۋە ئەگە دېڭىزىدا قۇرماقچى بولغان دېڭىز-ئوكيان باغچىلىرى پىلانىنىڭ تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئاساسەن، گىرېتسىيە تەرەپنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان ئارال ۋە ئارالچىلاردا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە باھالاش ئورگىنى — سكايتراكس (Skytrax)نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇملارنى باھالاپ بېكىتكەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يولۇچىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئەل رايى تەكشۈرۈشىنى ئاساس قىلغان تىزىملىكتە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى «2024-يىللىق دۇنيا ئايرودۇرۇم مۇكاپاتلىرى» تىزىملىكىدە 10-قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسى —موبايلفېست (Mobilefest)نىڭ  25-ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۆتىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان موبايلفېست خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى يەرمەنكىسى ۋە قۇرۇلتىيى 300 دىن ئارتۇق ماركا ۋە 20 مىڭدىن ئارتۇق زىيارەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر