07.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1744071
07.12.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبەتلىرىدىن ئېكسپورتتا يارىتىلغان يېڭى رېكورتلارغىچە ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئېشىشتىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە قېتىلىشلارغىچە بولغان نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلەرنىڭ، ۋاباغا قارىماي تۈركىيەنىڭ يولىنى كۈچلەنگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكستان ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ ھەدىيە قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنالىرى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ۋاكسىنالارنىڭ تۈركىيە ھەدىيە قىلغان ۋاكسىنالار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن ئافرىقادىكى ئىككى دۆلەتكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى توگ (TOGG)  تۋىتېتر بېتىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، يەرلىك ۋە مىللىي ئاپتوموبىل توگنىڭ  2022-يىلى 5-8-يانۋار كۈنلىرى ئامېرىكانىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىستېمالچىلار ئېلېكتىر يەرمەنكىسى (CES 2022) دە كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ۋابا مەزگىلىدە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق  سەۋەبىدىن دېڭىز تىرانسىپورتىدا كانتېينىر تېپىلمىدى. غەرب-شەرق لىنيەسىدىكى سودا يولىدا باشقا لىنيەلەرنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىش چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تۆمۈر يولى تىرانسىپورتىغا بولغان تەلەپ تېخىمۇ كۆپەيدى. خىتايدىن ياۋروپاغىچە تۇتىشىدىغان «بىر يول ،بىر بەلباغ»  لايىھەسىنىڭ شىمالىي كارىدورى توشۇپ كەتتى. بۇ سەۋەبتىن، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تۈركىيەدىن ئۆتىدىغان ئوتتۇرا كارىدورغا بولغان تەلەپ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

ئوتتۇرا كارىدورغا سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنىڭ جەمئىي 8 تىرىلىيونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«ستار گېزىتى»، سېربىيە مۇئاۋىن ساياھەت مىنستىرى دۇنيا جەنىچنىڭ پۇقرالارغا تۈركىيەنى ساياھەت قىلىشنى چاقىرىق قىلىپ: «مەن تۈركىيەدە ئىككى كۈن تۇردۇم، شۇنداق بولسىمۇ تۈركىيە خەلقىنىڭ قانچىلىك مېھماندوست ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. سېربىيە پۇقرالىرىغا تۈركىيەنى چوقۇم ساياھەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر