23.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1737511
23.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنى باشقۇرۇشتا تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىل پەيدا قىلغان پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش ئىرادىلىرىمىز قەتئىي» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە يەنە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىز بىلەن دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ توغرىنى قىلىشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي تېخنولوگىيەلىرى گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئافېنانىڭ تۈركىيەگە يېتىشىش نامىدا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ تەنقىد قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، مۇداپىئە سانائىتىدە تۈركىيەگە يېتىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەگە ئايروپىلان، پاراخوت زاكاس قىلغان ئافېنا، ئەنقەرەگە يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن. گىرېتسىيە تاراتقۇلىرى «قوراللىنىش مۇسابىقىسى بىزنى ۋەيران قىلىدۇ» دېگەن سەرلەۋھىلەردە خەۋەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ماراكەش، ئالجىرىيە، رىۋاندا ۋە نىگېرىيەدىن كېيىن، يەنە بىر ئافرىقا دۆلىتى نىگېرنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «2 ت ب-بايراكتار» غا خېرىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، نىگېرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدە ۋە دائېشقا قارشى كۈرىشىنى بايراكتار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ئافرىقانىڭ نۇرغۇن گۈزەللىكلەرنى ئۆز ئىچىدە ساقلاۋاتقان بىر قىتئە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان «Hear Women» ناملىق تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى دېقا سالاد (Deqa Salad) نىڭ، باشقا دۆلەتلەر مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن خەتەرلىك دەۋاتقان كۈنلەردە، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا سومالىغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنمىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا تەتقىق قىلىپ ياسالغان يەرلىك ۋاكسىنا تۈركوۋاك (TURKOVAC) نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق سىنىقىنى 3 مىڭ كىشى ئۈستىدە قىلىشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يەرلىك ۋاكسىنانى 2022-يىلدا خىزمەتكە سۇنۇشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر