19.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1721723
19.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: <<ۋەتەن گېزىتى>>، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 18-ئۆكتەبىر) ئانگولا پىرېزىدېنتى مانۇئېل گونكالۋېس لورېنكو (Manuel Gonçalves Lourenço) بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئانگولانىڭ تۈركىيەدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سېتىۋېلىش تەلىپىنىڭ بارلىقىنى؛ ھازىر بولسا، ھەربىي ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

<<ھۆررىيەت گېزىتى>>، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئانگولا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ: <<ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئىنسابىغا تاشلاپ قويۇلمايدۇ ۋە تاشلاپ قويۇلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمىز>> دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

<<ساباھ گېزىتى>>، قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرستېتىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان يەرلىك ۋە مىللىي تۈركوۋاك ۋاكسىناسىنىڭ ئۈچىنچى شىشىسىنى قەيسەرىدە پىدائىيلارغا ئەملەشنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

<<خەبەر تۈرك گېزىتى>>، بۇ يىل (2021) ئانتالياغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 8 مىليون 38 مىڭ 761 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن بۈگۈنگىچە ئانتالياغا ھاۋا يولى بىلەن ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر سانى ئۆتكەن يىلى (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %162 ئاشقان.

<<ستار گېزىتى>>، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) نىڭ قىرغىزىستان مىللىي ستۇدىيوسىنىڭ ئارخىپىدىكى فىلىملارنى دىجىتاللاشتۇرۇش لايىھەسىگە ياردەم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر