18.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1721126
18.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ  F-35ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن پۇلى بەدىلىگە ئامېرىكادىن يېڭى تەكلىپ كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئانگولا پايتەختى لۇئانداغا مېڭىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز يېڭى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھاۋا ئارمىيەمىزنى كېڭەيتىشنى خالايمىز. ئامېرىكا تەرىپىدىن F-35 ئايروپىلانى ئۈچۈن تۆلەنگەن پۇل بەدىلىگە شۇنداق يېڭى تەكلىپ كەلدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «دۇنيادا باشقا مىسالى يوق. 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە جىددىي مۇلازىمەت ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:
جىددىي داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى (ATUDER) تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان لايىھە دائىرىسىدە، تۈركىيەدە 65 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئۈچۈن جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى تەسىس قىلىنىدۇ.     (ATUDER) نىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور باشار كاندېر: «دۇنيادا بۇنداق مۇلازىمەت يوق، بىز تۈركىيەدە بۇنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويىمىز» دېدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، «بىز ياۋروپادىكى شوپۇرلارغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالايمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ۋە خەلقئارا يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى جەمئىيىتى (UTSYD) نىڭ رەئىسى سەدات كاپلاننىڭ: «بىز ياۋروپادىكى شوپۇرلارغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالايمىز، چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە يېتىلگەن چوڭ كۈچ بار، ئىشەنچلىك ۋە ئىقتىدارلىق تۈرك شوپۇرلىرى بىلەن مەزكۇر ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجراتتى.

«خەۋەر تۈرك گېزىتى»، «9 ئاي ئىچىدە 2 مىليارد 15 مىليون دوللارلىق يېڭى مېۋە-كۆكتات ئېكسپورت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىل 9 ئاي ئىچىدە قىلغان 2 مىليارد 15 مىليون دوللارلىق يېڭى مېۋە -كۆكتات ئېكىسپورتىنىڭ 31% ى يەنى، 627 مىليون 442 مىڭ دوللارلىق قىسمى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY) ئايروپىلان خادىملىرى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى بىلەن ھايات قۇتۇلدۇرماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىئايروپىلان خادىملىرى ۋە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى قۇرغان «ياخشىلىقنىڭ دوستلىرى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ، سېنېگالنىڭ پايتەختى داكاردا قۇياشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىك ئالبىنو كېسىلى بار بولغان بالىلارنىڭ جاراھەتلىرىگە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى بىلەن مەلھەم بولۇۋاتقانلىقلىرىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر