12.05.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1638385
12.05.2021

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ: <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى پەۋقۇلئاددە يىغىنغا چاقىردۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ئىلگىرىمۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. چاۋۇشئوغلۇ: «بىز ھەمىشە مۇشۇنداق ئەيىبلەيمىز، ئەمما ئۈممەت ئەمەلىي قەدەم تاشلىشىمىزنى كۈتمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ھۇجۇملار توختىتىشى لازىم. خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقىنى قوغدىشىمىز لازىم. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكىمىز لازىم» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «پەلەستىندىن تۈركىيەگە رەخمەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

پەلەستىننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى در. فەئىد مۇستافا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى ھەر ۋاقىت مەيدانىنى ئېنىق نامايان قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. در. فەئىد مۇستافا تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۈمىدى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، « قۇددۇس شەھىرىنى ۋە مەسجىدى ئەقسانى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن كوچىلارغا چىققان تۈركىيە خەلقىگە شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قېرىنداشلارچە مەۋقەسىنى مەھكەم ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن پەلەستىن دۆلىتىگە ۋاكالىتەن سالاملىرىمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى سۇنىمىز» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئىنستاگرامنىڭ ئىسرائىلىيە چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئىنستاگرامنىڭ بايكار تېخنىكا شىركىتى دېرىكتورى سېلچۇق بايراقتارنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى ئوت ئاپىتىنى تەبرىكلەۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «نەپرەتنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرىۋالغانلار، ئىبادەتخانا كۆيۈۋاتقاندا تەبرىكلەيدۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ نەپرەتكە قارشى كۈرەش قىلغانلارنى چەكلەيدۇ. ئەسلى نەپرەت مانا بۇ چەكلىمىدۇر. نەپرەتكە قارشى كۈرەشلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «<TRT Word> مۇخبىرىنىڭ ئاقساراي باياناتچىسىنى بۇلۇڭغا قىستىغان سوئالى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس «<TRT Word> نىڭ ئاقساراي مۇخبىرى يۇنۇس پاكسوينىڭ «پەلەستىن» ھەققىدىكى سوئالىغا زادى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيلا قالدى.  بىر مەزگىل جۈملىسىنى قۇرۇشتىمۇ قېينالغان نېد پرايس نۇرغۇنلىغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى بىۋاسىتە ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «بەشتەپەدىن كەلگەن 5 مۇھىم ئۇچۇر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ھۇررىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى:

ئامېرىكاغا F-35 كۈرەشچى ئايروپىلان تەكلىپىمىزنى  يېڭىلايمىز. بىز رۇسىيەدىن سېتىۋالغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى S-400 مەسىلىسىنى مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلالايمىز. لىۋىيەدىكى (دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھەربىي) كېلىشىملەردە چىڭ تۇرىمىز. دۇنيا ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمىغا «توختا!» دېيىشى كېرەك. سۈرىيەدە بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مەسىلىسىدە، توپ پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ مەيدانىدا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر