تۇسك: دۇنيا يېڭى بىر ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى

پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك دۇنيانىڭ يېڭى ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2122258
تۇسك: دۇنيا يېڭى بىر ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك دۇنيانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1939-1945)دىن بۇيانقى ئەڭ ھالقىلىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، دۇنيانىڭ يېڭى ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دونالد تۇسك مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، كەلگۈسى ئىككى يىلنىڭ ھەممىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مەن ھېچكىمنى قورقۇتۇشنى خالىمايمەن، ئەمما ئۇرۇش نۆۋەتتە ئۆتمۈشتە قالغان بىر نەرسە ئەمەس. بۇ بىر رېئاللىق بولۇپ، ئىككى يىل ئىلگىرى باشلاندى. ھازىر كىشىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ھەر قانداق سېنارىيەنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتۇر» دېدى.

پولشا باش مىنىستىرى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ بىر يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا مۇرەككەپ، ئەمما ئۇرۇش باشلانغان (2022-يىلدىكىگە قارىغاندا) كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئۇكرائىنانى رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىن قوغداش ۋە ئۇنى بىر پۈتۈن ھالەتتىكى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر