سومالى ئەششەبابقا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

سومالى ئارمىيەسى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 70 ئەزاسىنى يوقاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2132553
سومالى ئەششەبابقا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئۇچۇر-ئاخبارات مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇدۇگ رايونىدا ئەششەباب تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تەشكىلاتنىڭ 70 ئەزاسىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا يەنە 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر رايوندا ئېلىپ بېرىلغان چارشەنبە كۈنىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىمۇ 150 دىن ئارتۇق ئەششەباب ئەزاسىنىڭ يوقىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سومالى ئارمىيەسى ئەششەبابقا قارشى ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تەشكىلات ئەزالىرى پۇقرالار ۋە ھەربىي رايونلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر