كىم جوڭئۇن: تېخىمۇ كۆپ ئوفىتسېرلار تەربىيەلىنىشى كېرەك

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئارمىيەنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئوفىتسېرلارنىڭ تەربىيەلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2132579
كىم جوڭئۇن: تېخىمۇ كۆپ ئوفىتسېرلار تەربىيەلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن پايتەخت پيوڭياڭدىكى كىم ئىل سۇڭ ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي كورېيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ 92-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان.

ئۇ ھەربىي ئاكادېمىيەنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئىقتىدارلىق قوماندانلارنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، دۆلىتىنىڭ  جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئوفىتسېرلارنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر