تالىبان «ئۈچ قوشنا دۆلەت»نى دائېشنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى قوشنا ئۈچ دۆلەتنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2132368
تالىبان «ئۈچ قوشنا دۆلەت»نى دائېشنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەمىرخان مۇتتەقى پايتەخت كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئافغانىستان-قازاقىستان يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزى جەريانىدا، دۆلىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختالغان.

قوشنا ئۈچ دۆلەتنىڭ ئافغانىستان ۋە رايوندىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇتتەقى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئادەم كۈچى بىلەن، يەنە بىرىنىڭ تەربىيەلەش بىلەن، يەنە بىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۆلىتىدە يۈز بەرگەن 10 قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ «ئافغانىستان سىرتىدا» پىلانلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇتتەقى، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن ئافغانىستانغا زىيان سېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمىرخان مۇتتەقى «ئۈچ قوشنا دۆلەت»نىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئافغانىستان تاراتقۇلىرى مۇتتەقىنىڭ تاجىكىستان، پاكىستان ۋە ئىراننى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، ئۇنىڭ تاجىكىستاننى دائېشنى ئادەم كۈچى بىلەن، پاكىستاننىڭ تەربىيەلەش بىلەن ۋە ئىراننىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر