ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دۆلىتىنىڭ غەززە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشلىرى باياناتچىسى ھالا رىھاررىت دۆلىتىنىڭ غەززە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

2132582
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دۆلىتىنىڭ غەززە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ئەلئەرەبىييە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىھاررىت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى LinkedIn  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇدا 18 يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ غەززە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاپرېل ئېيىدا ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەردىم. كىرىزىسنى قورال – ياراغلار ئارقىلىق ئەمەس، دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچى بولۇشى لازىم.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل، رىھاررىتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تور بەتلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ شەخسىي ئىشى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا 2005-يىلدىن بۇيان ئىشلەۋاتقان رھاررىت، 2022-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ مىنىستىرلىقنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشلىرى باياناتچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتاتتى.

شۇنىڭ بىلەن، رىھاررىت ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغان 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان دۆلىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈچىنچى خادىمى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر