خىتاي بىلەن ھىندىستان يېڭى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن

خىتاي بىلەن ھىندىستان ھىمالايادىكى تالاش-تارتىشلىق چېگرا رايونلىرىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

2121901
خىتاي بىلەن ھىندىستان يېڭى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرا ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى مەسلىھەت بېرىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىنىڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار، دۆلەت مۇداپىئەسى، كۆچمەنلەر ۋە باشقا مىنىستىرلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان يىغىندا، «چېگرادىكى ئەھۋال نورمال باشقۇرۇش ۋە كونترول باسقۇچىغا ئۆتۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان پىلاننى بالدۇرراق تەييارلاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكى» بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، «ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى (LAC) نىڭ غەربىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئۆزئارا چېكىنىشنى تاماملاش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېيىلدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ باياناتىدا، تەرەپلەرنىڭ چېگرا رايونىدا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاش ئۈچۈن، دىپلوماتىك ھەمدە ھەربىي يوللار ئارقىلىق دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى كۆرسىتىلدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھىمالايا تېغى بىلەن قورشالغان ئېنىق بولمىغان چېگرا لىنىيەسى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىرالىرىغا سەۋەب بولماقتا. ئېقىن سۇ، كۆل، مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق چېگرا، ھەمىشە تەرەپلەرنى بىر-بىرىگە قارشى كەلتۈرمەكتە.

بېيجىڭ «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلسا، يېڭى دېھلى ئاقساي-خىتاي ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر