ب د ت دوكلاتچىسىنىڭ گېرمانىيەلىك ژۇرنالىستقا بەرگەن جاۋابى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ پەلەستىن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسىسكا ئالبانېسې «بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاناتومىيەسى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

2122196
ب د ت دوكلاتچىسىنىڭ گېرمانىيەلىك ژۇرنالىستقا بەرگەن جاۋابى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت دوكلاتچىسى ئالبانېسى 26-مارت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيەلىك بىر ژۇرنالىست ب د ت نىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتىنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنۇپ: «ھۆكۈمەت (ئىسرائىلىيە)نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش نىيىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن يازما ھۆججەتلەر بارمۇ؟ دەپ سوراشنى خالايمەن» دېدى.

گېرمانىيەلىك ژۇرنالىستنىڭ «ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ بىرەر نەرسە يازمىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈشى، ب د ت دوكلاتچىسىنى كۈلدۈردى. ئۇ گېرمانىيەلىك مۇخبىرنىڭ سوئالىغا كىنايە ئارىلاش جاۋاب بېرىپ: «سىزنىڭچە، رىۋاندا ۋەبوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى ھەر قانداق بىر دۆلەت ئەمەلدارى <مەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقچى> دەپ بىرەر ھۆججەت تەييارلىغانمىدۇ؟ سىز بۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ مەن سىزگە ۋاكالىتەن جاۋاب بېرەي، ياق!» دېدى.

ئابانېسىنىڭ جاۋابى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر