ترامپ توردا ئىنجىل سېتىشنى باشلىدى

ئامېرىكادا نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نامزاتلىقى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتچىلەردىن يېتەرلىك ۋەكىل سانىغا ئېرىشكەن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، توردا ئىنجىل سېتىشنى باشلىدى.

2121446
ترامپ توردا ئىنجىل سېتىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ «Truth Social» دا ھەمبەھرلىگەن ۋىدېئودا، سايلىغۇچىلىرىنى ئىنجىل سېتىۋېلىشقا چاقىردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا مۇشۇ ھەپتە تەبرىكلىنىدىغان « مۇقەددەس جۈمە» ۋە «پاسكال» بايراملىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇقەددەس ھەپتىڭىز مۇبارەك بولسۇن! ئامېرىكانىڭ قايتا ئىبادەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلايلى. مۇقەددەس جۈمە ۋە پاسكال يېقىنلىشىۋاتقاندا، سىزنى (تەڭرى ئامېرىكانى ساقلىسۇن) ئىنجىلنىڭ بىر نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئۇ ھەمبەھرلىگەن ۋىدېئوسىدا: «بارلىق ئامېرىكالىقلار ئۆيلىرىدە بىر پارچە ئىنجىلنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. مەندە نۇرغۇن ئىنجىل بار. بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتاب. ئىنجىلنى سېتىۋېلىشىڭىزنى قوللىغانلىقىمدىن ۋە ئىلھاملاندۇرغانلىقىمدىن ئۆزەمنى شەرەپلىك ھېس قىلىمەن» دېدى.

ترامپ تونۇشتۇرغان ئىنتېرنېت تورىدا، ئىنجىل 59.99 دوللارغا سېتىلىدۇ.

دونالد ترامپنىڭ توردا ئىنجىل سېتىشى، يېقىنقى ئايلاردا ئې جىن كاررول ( E. Jean Carroll) ئىسىملىك ​​ئايالغا بېرىدىغان تۆلەم ۋە ئۆي-مۈلۈك ئالدامچىلىقى دېلوسىدا قويۇلغان جەرىمانە سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى دەپ قارالماقتا.

سابىق پىرېزىدېنت ئىلگىرى ئۆزىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئىئانە توپلاش ئۈچۈن تەنھەرىكەت ئايىغى ۋە ئۆزىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى، پادىچى (كوۋبوي) ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان پېرسوناژ ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن ئويۇن قەرتلىرىنى ساتقان ئىدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر