كۇلېبا: ئەردوغان چوڭ شەخس

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا: «جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان كۈچلۈك شەخس؛ ئۇ رايونىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر» دېدى.

2121346
كۇلېبا: ئەردوغان چوڭ شەخس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمترو كۇلېبا پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنى جەريانىدا بىر مۇخبىرنىڭ: «ئەگەر ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلسە، بۇ مۇساپە 2022-يىلى مارتتىكىگە ئوخشاش ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ھازىرغا قەدەر، پەقەت تۈركىيەلا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىشىنى تەشكىللىيەلىدى. بۇ ئىش ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىستىكىنى رەت قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان كۈچلۈك شەخس؛ ئۇ رايونىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر