خىتاي تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى خەۋەر قىلدى

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2121512
خىتاي تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى خەۋەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مەتبۇئاتلىرى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورت نىسبىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە «دۆلەت مۇداپىئە گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئېكسپورتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ بۇلتۇر %25 ئېشىپ، 5 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ بۇ نىسبەت بىلەن دۇنيا قورال بازىرىدا 12 - ئورۇنغا ئۆرلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

خەۋەردە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت تارتىلىپ، «تۈركىيە قۇرۇقلۇق ۋاستىلىرىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغىچە نۇرغۇنلىغان زامانىۋى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلماقتا» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆلچەملىرىگە تولۇق ماس كېلىدىغانلىقى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگىچە نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىنىڭ تېز ئېشىشىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ خەۋەرگە ئالاھىدە كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك تېخنىكىلىق بىلىم – تەجرىبىلەرگە ئىگ بولۇشتىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ۋە ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشنى ئاكتىپ قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر