دۇنيا مىقياسىدا 62 مىڭ 285 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلدى ياكى يوقاپ كەتتى

2014-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، دۇنيا مىقياسىدا 62 مىڭ 285 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قازا قىلغانلىقى ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2120993
دۇنيا مىقياسىدا 62 مىڭ 285 قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلدى ياكى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئىشخانىسى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، 2014 - يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن دەپ قارالغان 62 مىڭ 285 قانۇنسىز كۆچمەندىن 28 مىڭ 854 نەپىرىنىڭ ئافرىقالىق ياكى ئاسىيالىق ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئاقدېڭىزدىن ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقان پەيتتە قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا، بۇ كۆچمەنلەردىن كىملىكىنى ئېنىقلىغىلى بولغان ئۈچتىن بىرىدىن كۆپىرەكىنىڭ ئافغانىستان، بېرما، سۈرىيە ۋە ئېفىيوپىيە قاتارلىق قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، يېقىنقى 10 يىلدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلىكتە 2023 - يىلىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك يىل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بولۇپمۇ، ئاقدېڭىزىدىكى قازا قىلغانلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى ۋە  بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدىلا 8 مىڭ 541 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قازا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر