نىگېرىيەدە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئۇ ئۆلكىسىدە يەرلىك ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان بىر قوراللىق شايكىنىڭ توققۇز ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1852260
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرى، ساقچىلارنىڭ پلاتېئۇ ئۆلكىسىنىڭ زاك رايونىدا قوراللىق شايكا ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، شايكىنىڭ 9 قوراللىق ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ۋەقەدە ئۈچ ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
نىگېرىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتوسىكلىتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشى ئەۋج ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، موتوسىكلىت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغانىدى.