ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى داۋامىدا ئۆلگەنلەر سانى  34 مىڭ 305 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا ئۇدا 202 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 305 كە يەتتى.

2132059
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى داۋامىدا ئۆلگەنلەر سانى  34 مىڭ 305 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا ئۇدا 202 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا  يەنە 43 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 64 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 305 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 77 مىڭ 293 كە يەتكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا ئۆلۈكلەر بار ئىكەن، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ بۇ جايلارغا بارالىشى ۋە جەسەتلەرنى ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر